«تور تازىلىغۇچ» نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مەلۇم بولدى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا 2017-يىلى «تور تازىلىغۇچ» نامىدىكى ئەپ ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا شەخسلەرنىڭ تېلېفونىدا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشتە قوللىنىلغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلىشتىن باشقا تېخنىكىلىق جەھەتتە ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئاساسىغا ئىگە ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى.

«ئاشكارا تېخنىكا» شىركىتى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزمىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ئومۇملاشتۇرۇلغان «تور تازىلىغۇچ» ناملىق ئەپ ھەققىدىكى ئەمەلىي سىناق نەتىجىسى تونۇشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ تېلېفونىدا بولۇشقا تېگىشلىك بۇ ئەپ شۇ تېلېفوندا پەيدا بولغان «قانۇنسىز» مەزمۇنغا ياتىدىغان ھەرقانداق ئۇچۇرنى تەكشۈرەلەيدىكەن، شۇنىڭدەك بۇ تېلېفونغا «قانۇنسىز» بولغان باشقا ئەپلەرنى ئورنىتىشتىن توسۇپ قالالايدىكەن ھەمدە بۇنىڭغا ئۇرۇنغانلارنى ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرىغا ئاپتوماتىك مەلۇم قىلالايدىكەن.

«ئاشكارا تېخنىكا» شىركىتى بۇ ھەقتىكى دوكلاتتا مەزكۇر ئەپنى «خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى باستۇرۇشنىڭ مۇھىم قورالى» دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇ ئەپنى سىناق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بايقالغان:

بىرىنچى، مەزكۇر ئەپ شۇ تېلېفوننىڭ تولۇق ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ چىقالايدۇ، جۈملىدىن تېلېفوننىڭ نومۇرى، مودېل شەكلى، ئىگىسىنىڭ كىملىكى قاتارلىقلارنى نەچچە سېكۇنتتىلا خاتىرىگە ئالالايدۇ.

ئىككىنچى، بۇ ئەپ تېلېفونغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تاشقى ساقلىغۇچىدىكى «خەتەرلىك» مەزمۇنلارنى بايقىيالايدۇ ھەمدە تېلېفون ئىگىسىنى بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

ئۈچىنچى، بۇ ئەپ تېلېفوندا ساقلانغان «خەتەرلىك» مەزمۇنلارنى ئۇنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ھۆججەت نامى بويىچە مۇلازىمەت نۇقتىسىغا يوللاپ بېرىدۇ.

تۆتىنچى، بۇ ئەپ ئورنىتىلغان تېلېفوندىن قارشى تەرەپ مۇلازىمېتىرىغا HTTPS ئارقىلىق ھېچقانداق ئۇچۇرنى يۆتكەشكە بولمايدۇ.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەجبۇرىي ئورنىتىلغان بۇ ئەپ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا زور قۇلايلىققا ئىگە بولغان بىلەن، بۇ ئەپ تېخنىكىلىق بىخەتەرلىككە ئىگە بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئورناتقۇچىغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن باشقا رولى يوق ئىكەن.