«تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» قوشما بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو شۇ كۈنى ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ زىيارەت ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىگە كەلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەتتىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى (Quad) نىڭ قوشما باياناتى» ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىن بولۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، شۇنداقلا مەزكۇر دائىرىدىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دېموكراتىك قىممەتنى ھىمايە قىلىش، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. باياناتتا بۇ ھەقتە: «بىز تۆت دۆلەت ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خەلقئارا قانۇن، ئىقتىسادىي پۇرسەت، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا كۈچ چىقىرىمىز» دېيىلىدۇ.

نۆۋەتتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەسىدىكى زومىگەرلىكى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىپ، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر باياناتنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئېلان قىلىنىشى بۇ مەسىلىگە قايتۇرۇلغان كۈچلۈك بىر جاۋاب دەپ قارىلىشقا باشلىغان. باياناتتا خىتاينىڭ ئىسمى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئېنىق قىلىپ «بىز بۇ رايوندىكى دېڭىز تەۋەلىكى دۇچ كېلىۋاتقان دېڭىز قاتنىشى، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تەھدىتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. شۇنداقلا ئىشەنچلىك بولغان تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ چىقىمىز» دېيىلىدۇ.

«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوبزور ئېلان قىلىپ بۇ باياناتنى «ئاز ۋە ساز بولغان» دەپ تەرىپلىگەن. شۇنداقلا بۇ باياناتنى رەسمىي ھالدا «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ رەسمىي ھالدا بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا يۈزلىنىشىنىڭ باشلىنىشى، دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەمكارلىق تا ھازىرغا قەدەر «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ سۆھبەتلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەنىدى.