پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش قەدىمى خىتايغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.12

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ قايتا سايلانغان دونالد ترامپ، خىتاينى ئىزچىل تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئىككى سىياسەتچىنى يېڭىدىن تەشكىللەيدىغان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا تەيىنلىمەكچى بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىكەن.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 12-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيونى ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك ۋالتىز (Mike Waltz) نى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەلىس ستېفانىك (Elise Stefanik) نى ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنى خەتەرلىك كۈچ دەپ بىلىدىغان ۋە خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلمايدىغان سىياسەتچىلەر ئىكەن.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سايلامنىڭ ئالدىدا خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى 60 پىرسەنتكە چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنلا كوممۇنىست خىتاينى تەھدىت دەپ بىلىدىغان سىياسەتچىلەرنى ھۆكغۈمەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا تەيىنلىمەكچى بولۇشى، ئۇنىڭ خىتايغا تۇتىدىغان كەسكىن سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تاشقى سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىدە زور داۋالغۇشلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ داۋالغۇش ھازىردىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، 12-نويابىر كۈنى خوڭكوڭ بازىرىدىكى خىتاي پاي چەكلىرى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى 3 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پەقەت جۇمھۇرىيەتچىلەرلا ئەمەس، بەلكى تېسلانىڭ خوجايىنى، دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئېلون ماسك قاتارلىق كارخانىچىلارمۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى قوللاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى تېسلا زاۋۇتى ۋە مىليارد دوللارلىق سودا مەنپەئەتى كەلگۈسىدە قانداق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، دونالد ترامپ بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ، تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. يەنە كېلىپ، ئېلان ماسك خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كارخانىچى بولۇپ، بۇمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-سودا مۇناسىۋىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ دونالد ترامپنى تەبرىكلىگەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ پايدا تاپسا تەڭ تاپىدىغان، زىيان تارتسا تەڭ تارتىدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بولۇپ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مۈشكۈلاتنى قانداق سىياسىي تاكتىكا ۋە پاراسەت بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقى دىققەت نۇقتىسى كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.