جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.06
trump-saylam-kuni-AFP-1 2024-يىللىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ(Donald Trump) سايلامنىڭ ئاخىرقى كۈنى كەچتە قوللىغۇچىلىرىغا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 6-نويابىر، فىلورىدا.
AFP

ئامېرىكادا 5-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقى جەزملەشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەل قىلغۇچ ئىشتاتلاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى بىلەن پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ چىقىشقا زۆرۈر بولغان 270 سايلام بېلىتى قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكانىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان، 2020-يىللىق سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن قايتىدىن سايلامغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلغان سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا تارىخىدا يېڭىلىق ياراتقان پىرېزىدېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

دونالد ترامپنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسى جەزملىشىشكە باشلىغان دەسلەپكى مىنۇتلاردا، ئۇ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىي پالمىلىق ساھىلىدا سۆز قىلىپ، سايلىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ سايلامدىكى غەلىبىسىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ چوڭ سىياسىي ھەرىكەت» دەپ ئاتىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بىر تارىخ ياراتتۇق، مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان توسالغۇلارنى يەڭدۇق».

دونالد ترامپ، بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا يېڭىدىن «ئالتۇن دەۋر» ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ئامېرىكالىقلارغا مۇنداق دەپ خىتاب قىلغان:

«مەن سىز، ئائىلىڭىز ۋە كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. سىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالمايمەن. ئاخىرقى نەپىسىمگىچە كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. مەن ئامېرىكانى بىز ۋە بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا لايىق بولغان كۈچلۈك، بىخەتەر ۋە باياشات قىلىپ چىقمىغۇچە توختىمايمەن!»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەقىقەتەن ئامېرىكانىڭ ئالتۇن دەۋرى بولىدۇ. مانا بۇ بىزدە بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە. بۇ بىزگە ئامېرىكانى قايتىدىن بۈيۈك دۆلەت قىلىپ چىقىش پۇرسىتى بەرگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ غايەت زور غەلىبىسى.»

دونالد ترامپ ئامېرىكا سايلىمىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان شىمالىي كارولىنا، جورجىيا، پېنسىلۋانىيە ۋە ۋىسكونسىن شىتاتلىرىدا غەلىبە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تېخى بىلەت ساناش داۋام قىلىۋاتقان ئارىزونا ۋە مىشىگان قاتارلىق شىتاتلاردىمۇ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ قېتىملىق ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدىلا ئۇتۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ 52 ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۇ نەتىجىنىڭ ترامپ يېقىن كەلگۈسىدە ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ زور سىياسىي قارارلارنى ئېلىشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.