خىتاي، دونالد ترامپنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنكى ئىنكاسىدا «ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش» ئارزۇسىنى تىلغا ئالغان
2024.11.06
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭىدىن پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ھەمكارلىشىدۇ» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋنىڭ 6-نويابىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«بىز خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىق ئىچىدە بىللە مەۋجۇت بولۇش ۋە تەڭ پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق پىرىنسىپى دەپ قارايمىز ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرىمىز.»
ماۋنىڭ يەنە، مۇخبىرلارنىڭ سابىق پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە قايتىپ كېلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سورىغاندا «بىزنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان سىياسىتىمىز بىردەك» دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى ۋە سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسى جەزملەشكەندىن كېيىن، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لاي چىڭدې ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ترامپنى تەبرىكلىگەن. ئۇ، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا «رايون مۇقىملىقىنىڭ ئۇل تېشى» بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كېيىر ستارمېر بولسا «ئەنگلىيە ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە سودىدىكى ئورتاق قىممەت قارىشىمىزنى قوغداش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدۇ» دېگەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى مارك رۇتتې بولسا «دونالد ترامپنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ۋە ئۇنىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندەرلېيىنمۇ سۆزىدە «ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كونا شېرىكلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان كۈن تەرتىپتە ھەمكارلىشىش» ئارزۇسىنى تىلغا ئالغان.