خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ دونالد ترامپنىڭ 20-يانۋار ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن جېڭنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە، دونالد ترامپ ئۆتكەن يىلى ئادەتتىن تاشقىرى بىر شەكىلدە ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ رەقىبى» بولغان خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقىنى ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ «باش لايىھەلىگۈچىسى» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنى ئۆزى بۇ مۇراسىمغا قاتناشمايدىكەن، ئەمما ئۇ بۇ مۇراسىمغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەن جېڭنىڭ شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا «بىز ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ ھەم ئالاقىنى كۈچەيتىشنى، ئوتتۇرىدىكى پەرقلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزئارا پايدىلىق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىنى بىرلىكتە ئالغا سۈرۈشنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ توغرا شەكىلدە بىرگە تۇرۇشىنىڭ يولىنى تېپىشنى خالايمىز» دېيىلگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى ترامپنىڭ تاشقىي ئىشلار نامزاتى ماركۇ رۇبىئونىڭ 15-يانۋار كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتاينى ئامېرىكانىڭ كەلگۈسى گۈللىنىش تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ ئېلان قىلىشى، ئەگەر ئامېرىكا يولىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىنغان. ماركۇ رۇبىئو گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان «قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى. نۆۋەتتە، خەن جېڭنىڭ ۋاشىنگتون سەپىرىدە ترامپنىڭ ئۆتكۈنچى خىزمەت ئۆمىكى بىلەن كونكىرېت تېمىلارنى سۆزلىشىدىغانلىقى ياكى ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ پەقەتلا سىمۋوللۇق سەپەر بولىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىلگىرى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ۋە ئۇنىڭ ئۆتكۈنچى خىزمەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بولىدىغان كۆرۈشۈشكە خەنجېڭغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەمەلىي ھوقۇقتىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەي چىنىڭ ئەۋەتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.