خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.02.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارلاپ بەرگەن. خوڭكوڭ ئەركىن ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان نوپۇس سانلىق ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە 3 دىن 2 قىسىم دېگۈدەك ئازايغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. خىتاي دولەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى 15. 88 پىرسەنت بولغان تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 2019-يىلى 8. 14 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاران 2 پىرسەنت ئازايغان ئىكەن. خەۋەردە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىغان ۋە ئۇلارغا تۇغۇت كونترولى ئېلىپ بارغان مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناش ئادرىيان زېنز ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىسى 2017-يىلدىن كېيىن 65 پىرسەنت ئازايغانلىقى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق بەزى جايلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئازىيىشى 80 پىرسەنتتىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى نۇپۇسنىڭ ئازايغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئادرىئان زېنزگە شەخسىي ھۇجۇم قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.