دېموكراتچىلاردىن بولغان پرېزىدېنت نامزاتى جوۋ بايدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇغۇت چەكلەش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى، سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان تۇغۇت چەكلەش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.

«كاتولىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر نوپۇسنىڭ زور دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىشىگە ئائىت دوكلاتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇ بىر ئىنساپسىزلىق،» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە پرېزىدېنت ترامپنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم مەسىلىسىدە ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن.

جوۋ بايدىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، رەقىبى پرېزىدېنت ترامپنى تەنقىد قىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.