خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىچى ۋە تېشىدا ھەممىلا كىشىگە «پىلانلىق تۇغۇت» دېگەن نامدا مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى تۇغۇتقا چەك قويۇش بەلگىلىمىسىنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە بىكار قىلىنىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكىدىكى «فوكۇس خەۋەرلىرى»نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئائىلىلەرگە قارىتىلغان تۇغۇت چەكلىمىسىنى يېقىندا بىكار قىلىش ھەققىدە جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتىكى قارار مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن 2017-يىلىغا كەلگەندە پۈتكۈل خىتاينىڭ نوپۇس نىسبىتىدە ئېغىر غەيرىيلىك بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللار سانىدىن 32 مىليون ئېشىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېزىلاردىكى «بىرلا پەرزەنتلىك» بولۇشنى «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» قا ئۆزگەرتكەن. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردىمۇ بۇنىڭ ئىزچىل يوسۇندا خىتايدىكى «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى»نىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قىلچە مەنپەئەتلىك بولمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە يوچۇق ئېچىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت بىلەن تونۇشلۇق كىشىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە بىرنەرسە دېمەك قىيىن» دېيىشمەكتە.