خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا «تۈمەن كارخانا ئارقىلىق تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ھەرىكەتكە ئۆتۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «تۈمەن كارخانا ئارقىلىق تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش» دەپ نام بېرىلگەن بىر ھەرىكەتنى باشلىغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 13-14-كۈنلىرى خوتەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «تۈمەن كارخانا ئارقىلىق تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى تەشكىللىگەن. بۇ يىغىندا بۇ ھەرىكەتنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتىگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى»، «ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىدىغان ئون مىڭ كارخانا» ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى رايونغا جەلپ قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا كارخانىلار بىلەن يەرلىكتىكى كەنتلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ باشلىغانلىقى ۋە خوتەن ۋىلايىتىگە يەرلەشكەن 1747 خۇسۇسىي كارخانىنىڭ 2157 كەنتكە «ياردەم بەرگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش»، «زاۋۇت-كارخانىلارنى ئىشىك ئالدىغىچە ئەكىلىش»، «ئائىلە ئاياللىرىنى كەسپ ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئەسلىدىنلا دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنلىك ۋە تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي كارخانىلىرىغا باغلىنىپ ئىشلەيدىغان مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

«كوممۇنىزم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرە مۇزىيى» تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز يېقىندا «زېمىستان» تورىغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېڭەيتىپ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يېقىندا بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى «جەيمىس توۋن فوندى جەمئىيىتى» تور بېـتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، يېقىنقى تەرەققىياتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەنىمۇ كۆپ ئادەمنى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.