جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدا سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەنگەن.
مەلۇمكى، سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 1954-يىلى قۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئاپتونوم ئوبلاستلار 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىلا قۇرۇلۇپ بولغان.
ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگە بېرىلگەن ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ناھىيەلەرنىڭ يەر مەيدانى ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 60% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەزكۇر رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» قالپىقى باشقا مىللەتلەرگە كىيدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئىزچىل يوسۇندا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» ئىچىدىكى «ئاپتونوم ئوبلاست» ۋە «ئاپتونوم ناھىيە» لەرنىڭ خىتاينىڭ «بۆلۈپ باشقۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.