تۇڭگانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەندەك تەقىبلەشكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گەنسۇدىكى تۇڭگانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقاندەك تەقىبلەشكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مىچائېل مارتىنا تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتلەردە دىنى تەربىيە ئېلىشىغا چەكلىمە قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تۇڭگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغاندەك زەربە بېرىش چارە-تەدبىرلىرى، يەنى، ھەممە يەردە ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە «يېپىپ تەربىيىلەش مەركەز» لىرىنى قۇرۇش، د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى يىغىش قاتارلىقلارنى قوللىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

گەنسۇنىڭ نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى گۇاڭخې ناھىيىسى دائىرىلىرى بالىلارنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە دىنى تەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.

رويتېرس مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇڭگانلارغا كېلىۋاتقان بېسىملار ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقاندەك ئېغىر ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە تۇڭگانلارغا قارىتىلغان بېسىملارمۇ بەرىبىر ئاشماقتا. بىر قىسىم جايلاردىكى تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرىدە ئەرزان توۋلاش ئۈچۈن كاناي قوللىنىشمۇ چەكلەنگەن. 

ئامېرىكادىكى فروست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇڭگان مىللىتىدىن كېلىپ چىققان پروفېسسورى، تۇڭگان ۋە ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىس ما خەييۈننىڭ ئېيتىشىچە، تۇڭگانلاردىكى ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان بېسىملارنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى ئۇلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەندەك قاتتىق زەربە بېرىش تەقدىرىگە دۇچ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان كۆپ ساندىكى تۇڭگانلار ھەر خىل يوللار بىلەن مالايشىيا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە كېتىپ يەرلىشىش يوللىرىنى تاللىماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى، نۆۋەتتە، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىسلامغا قارشى تەشۋىقاتلار قانات يېيىۋاتقان بولۇپ، تور بەتلەردىكى سانسىزلىغان مۇنداق تەشۋىقاتلار ۋە ئىنكاسلار چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. تۇڭگانلار خىتايلارنىڭ ئارىسىدا تارقاق ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىكى ئەندىشە تۇيغۇسى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت