ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ئورگىننىڭ باشلىقى فېدېرىكا موگېرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ، تۈركىيە چېگرىسىغا توپلىنىپ، بىر قانچە كۈندىن بۇيا سانى تېخىمۇ ئاشقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، موگېرنى سۈرىيەلىك بۇ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ئەنقەرەنىڭ ئەگەردە قانۇنىي جەھەتتىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئەخلاقى جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەتكەن.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئالېپپو شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورققان مىڭلىغان مۇساپىرلارنىڭ ئۆز چەگراسى ئىچىگە كىرىشى لازىم بولسا ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ ئىشىكىمىزنى چەكسە، بۇ ئۇلارنىڭ باشقا تاللىشى يوق بولغانلىقىدۇر، ئەگەر لازىم بولسا، بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىرىشىگە يول قويۇمىز» دېگەن.

نۆۋەتتە، تۈركىيە چېگرىسىغا 35 مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىر توپلانغان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىمەكتە، ئەمما ھازىرچە ئۇلارنى چېگرىدىن كىرگۈزمىگەن. بىراق، ھازىرغىچە تۈركىيە 2 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيىلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان ئىدى.