تۈرك پۇتبولچى ئالپئاسلان خىتاينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.06.30

30-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تۈركىيەنىڭ 22 ياشلىق پۇتبول چولپىنى ئالپئاسلان ئۆزتۈركنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ياردەم» تەلىپىنىڭ ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان توختامىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

تۈركىيە ت ر ت رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەدىكى قاسىمپاشا پۇتبول كوماندىسىدىن ئايرىلغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئەزاسى ئالپئاسلان ئۆزتۈرك، خىتايدىكى ئىككى پۇتبول كوماندىدىن ئۆزىگە تەكلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارغا ئالىدىغان مائاشىنىڭ 10% نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتقاندا، بۇ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن توختام تۈزۈشتىن دەرھال ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋىرىدە يەنە «قاسىمپاشا پۇتبول كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىرلەشمە پۇتبول كوماندىلىرىدىن تەلەپ ئالغان ئالپئاسلان ئۆزتۈركنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش تەلىپى، توختامنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.» دېگەن بايانلار بېرىلگەن. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن فېيسبوكتىكى تۈركىيە پۇتبول چولپىنى ئالپئاسلان ئۆزتۈرك فېيسبوئوك تورىدا ئۆزىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار ۋاز كەچسە كېچىۋەرسۇن، بىز رىسقىمىزنى ھەر يەردىن تاپىمىز، ئۇيغۇرلار بىر پارچە نانغا زار بولۇپ ياشىماقتا، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلسۇن» دەپ يازغان.

ئالپئاسلان ئۆزتۈرك 1993-يىلى 16-ئىيۇلدا بېلگىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنگلىيەدە ئۇزۇن يىل پۇتبول مەشىق قىلغان. 2012-يىلى بېلگىيەگە قايتىپ كەلگەن ئالپئاسلان بەەرسچوت ۋە ستاندارت لىەگە پۇتبول كوماندىلىرىدا ئوينىغاندىن كېيىن، 2014-يىلى تۈركىيەدىكى قاسىمپاشا پۇتبول كوماندىسىغا كىرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.