ئىستانبۇلدىكى رېينا كەچلىك كۇلۇبىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق بولۇشى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ۋە ئىنكاسلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «خەۋەر تۈرك» تۈركىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىدىن ئۇچۇر ئىگىلەپ، 2016-يىلى تۈركىيەدە 73 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىككە ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ تۈرك خەۋەر مەنبەلىرى ئاساسىدا قەيت قىلىشىچە، 2016-يىلى تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتىگە ئېرىشكەنلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن، قەيت قىلىنىشىچە، 3474 نەپەر تۈركمەنىستانلىق، 1435 ئۆزبېكىستانلىق، 3049 قىرغىزىستانلىققا تۈركىيەدە ئىشلەش ھوقۇقى بېرىلگەن.
لېكىن، تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋىزىسىز تۈزۈم يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پۇقرالىرى خالىغانچە تۈركىيەگە كېلىپ مەلۇم ۋاقىت تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن، قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقا خېلى كۆپ سالماقنى قانۇنسىز تۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار ئىگىلىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2016-يىلى ئىشلەش رۇخسىتى ئالغانلارنىڭ ئەڭ كۆپى سۈرىيەلىكلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا گرۇزىيەلىكلەردۇر.
مۇھىم نۇقتا شۇكى، مەزكۇر خەۋەردە ئۆتكەن يىلى 4397 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى ئالغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئەڭ كۆپ بارىدىغان دۆلەت رۇسىيە بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۆزبېكىستانلىق، بىر مىليون ئەتراپىدا قىرغىزىستانلىق ۋە تاجىكىستانلىق رۇسىيەدە قانۇنسىز تۇرۇپ ۋە ئىشلەپ ئائىلىسىنى قامدىماقتا.