تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تا بىرلىككە كەلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.02.25

يېقىندا جەنۇبى ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلگەن «20دۆلەت گۇرۇھى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ھەمدە «تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش» نى مۇزاكىرىلەشكەن.

بۇ كۆرۈشۈشتە، ۋاڭ يى خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ھەمكارلىق ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بېرى سۈرىيەدىن قايتقان «خىتاي پۇقرالىرى» نى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ يىنىڭ بۇ يەردە «خىتاي پۇقرالىرى» دېگىنىدە، ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم. ئۇ خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي بىلەن ھەر قايسى ساھەدە زىچ ھەمكارلىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خاقان فىدان يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقىل، ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەلىرىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپلا قالماستىن، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش» جەھەتتە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىغان باستۇرۇش سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرلىرى تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.