تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇساپىرلار كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۈمە كۈنى بيۇروسىدا تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇت ئوغلى مۇنداق دېدى: «بۇ يەنە بىر تارىخىي كۈن، چۈنكى بىز تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا بىر مۇھىم كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق.»
بۇ نۆۋەت ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بويىچە، گىرېتسىيەگە قاپسىلىپ قالغان مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدىكى پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىىلىنغانلىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇش بەلگىلەنگەن.
تۈركىيە ئۇنىڭ ئورنىغا تۈرك پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە ۋىزىسىز كىرىش ئىشىنى ھەل قىلغان ۋە 6 مىليارد 800 مىليون دوللار مۇساپىر ياردەم سوممىسىغا ئېرىشكەن.
5 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ سۈرىيەدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. نۆۋەتتە تۈركىيەدە 2.6 مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىر پاناھلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە مىليون مۇساپىر تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېقىشقا باشلىغان.
مەزكۇر مۇساپىرلار ئېقىمى كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىگە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرگە كىرىدىغان قاناللار تاقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارقىلىق گىرېتسىيەگە قانۇنسىز كىرگەن مىڭلىغان مۇساپىر ئەسلىدىنلا ئىقتىسادىي كىرسىز ئىچىدىكى گىرېتسىيە ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك ياراتقان.
شۇندىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى جىددىي باش قوشۇپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سۆھبىتىنى باشلىغان ئىدى.
ياۋروپا كونسۇلى پرېزىدېنتى دونالد تۇسك تۈركىيە - ياۋروپا مۇساپىر كېلىشىمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت تولۇق قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.