تۈركىيەدە 6.5 بەش بال يەر تەۋرىگەن


24 - ماي چۈش ۋاقتى بىلەن تۈركىيەنىڭ مارمارا، ئاق دېڭىز ۋە ئەگە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا 6.5 بەش بال يەر تەۋرىگەن.

تەۋرەش ئىستانبۇلدىن ئىزمىرىگىچە، چاناققەلئەدىن ئەسكى شەھەرگىچە تەسىر كۆرسەتكەن.

تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ ھەرخىل يارىلار بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزى تۈركىيەنىڭ گوچەئادا ئارىلىغا بەك يېقىن دېڭىز ئاستىدا بولۇپ، تەۋرەش گىرېتسىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.