«تۇرپان ئادىمى» گە تەئەللۇق دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىشتاننىڭ سىرى يېشىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.04.07

گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگلار تۇرپان ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىشتاننىڭ لايىھەلىنىش تېخنىكاسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان.

«ئارس تېخنىكا» ناملىق ژۇرنالنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە يۇڭ ئىشتان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىلدىن 1200-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرپان ئويمانلىقىدا دەپنە قىلىنغان بىر قەدىمىي جەسەتكە تەئەللۇق ئىكەن.

گېرمانىيە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى ئارخېئولوگ مايكې ۋاگنېر خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە 3000 يىللىق بۇ ئىشتاننى تەتقىق قىلغان. ئۇلار بۇ ئىشتاندا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخاسىنى ياساپ چىققان.

ئارخېئولوگلارنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، بۇ ئىشتانلارنى ياساش ئۈچۈن قەدىمكى توقۇمىچىلار ئوخشىمىغان تۆت خىل تېخنىكانى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە مەخسۇس ئات ئۈستىدە جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن ئىشتان ئىكەن. بۇ ئىشتاندا ئەۋرىشىملىك، قولايلىقلىق ۋە جەڭ قىلىشقا ماسلىشىچانلىق ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىشتان دەپ قارالغان بۇ كىيىم تۇرپان ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن بايقالغان ۋە «تۇرپان ئادىمى» دەپ نام بېرىلگەن قەدىمكى بىر جەسەتكە تەئەللۇق ھەمدەپنە بۇيۇمى ئىكەن. بۇ جەسەتكە يۇڭ توقۇلما ئىشتان كىيدۈرۈلۈپ، بەلبېغى باغلانغان، ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن يۇڭدىن توقۇلغان باش كىيىم كىيدۈرۈلگەن ئىكەن. ئىشتاننىڭ ئاساسىي لايىھەسى بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى ئىشتانغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئوخشىسىمۇ، ئەمما ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەندە ئۇلارنى لايىھىلەشكە كەتكەن توقۇمىچىلىق سەۋىيىسى ئىنتايىن يوقىرى سەۋىيەدە ئىكەن. بۇ ئىشتاننىڭ رەختىنىڭ سۈپىتى دۇنيادا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي يۇڭ رەخت، يەنى ئاۋسترىيەنىڭ Hallstatt تۇز كېنىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرگە ئائىت يۇڭ رەختتىن كۆپ سۈپەتلىك ھەم ئەۋرىشملىكى يوقىرى ئىكەن. تېخىمۇ دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، بەل، پۇت قىسىملىرى ئوخشىمىغان قېلىنلىقتا توقۇلغان بۇ ئىشتاننىڭ ھەممە قىسىملىرى پۈتۈن بىر پارچە ھالەتتە توقۇلغان بولۇپ، يۇڭ رەختنىڭ كېسىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھېچقانداق ئىز يوق ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «تۇرپان ئادىمى» نىڭ قەبرىسىدىن بىر جەڭ پالتىسى، بىر يۈگەن-نوختا ۋە زەنجىرلەر بايقالغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار «تۇرپان ئادىمى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ جەڭچىنىڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئات ئۈستىدە جەڭ قىلىپ ئۆتكۈزگەن بىر چەۋەنداز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.

ئارخېئولوگلار يەنە «تۇرپان ئادىمى» كىيگەن بۇ ئالاھىدە ئىشتاننىڭ ھەم قوللىنىشچان ھەم ئەپلىك لايىھەلىنىپلا قالماي، بەلكى كۆرۈنۈشىمۇ شۇنچە سىپتا ۋە يارىشىملىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئىشتاننىڭ لايىھەسى ۋە تىكىلىشى يەنە قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە ۋادىلىرىدىن شەرقىي-شىمالىي ئاسىياغىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلاردىكى ئىنسانلار تۈركۈملىرىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت تەسىرلىرىنىمۇ ئەكىس-ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.