ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇن خەلچەم پازىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.16

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 15-يانۋار كۈنى«X»  تورى، يەنى بۇرۇنقى تۋىتتېردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى  كورلالىق تۇتقۇنلاردىن 78 ياشلىق خەلچەم پازىلنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

2022-يىلى 1-ئايدا مۇخبىرىمىز كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلىشىدا، 78 ياشلىق خەلچەم پازىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ سانجى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بىر ئائىلىدىن خەلچەم پازىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئايالغا ئېغىر جازا  بېرىلگەن. سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە، «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» دېگەنلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن خەلچەم پازىلنىڭ، ئاتالمىش بۇ«جىنايەتلىرى» گە ئۇنىڭ «قانۇنسىز بىر تەبلىغگە قاتنىشىشى»، «تەبلىغگە قانۇنسىز سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى» پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەنىدى.

 ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى X تا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا: «خەلچەم پازىل ئائىلە ئەزالىرى بىلەن يىغىلىپ، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە ئىسلام ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان 17 يىلنى تۈگىتىپ چىقسا، 92 ياشقا كىرىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىتى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىنىشى كېرەك» دېيىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ چاقىرىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 23-يانۋاردىن باشلاپ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدىغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. سانجى ئاياللار تۈرمىسىدىكى خادىملارنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خەلچەم پازىل سانجى ئاياللار تۈرمىسىنىڭ 4-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

 ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ مۇخبىرىمىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدىن يەتتە پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغان خەلچەم پازىلنىڭ 2015- ياكى 2016-يىللىرى تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ۋە مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ قايتقانلىقى مەلۇم. لېكىن ئۇنىڭ 17 يىللىق كېسىلىشىدە، چەتئەل سەپىرىنىڭ تەسىرى بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.