گامبىيە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان 12 ياشلىق بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نەپەر ئۇيغۇر تۈركىيەگە سالامەت قايتىپ كەلگەن. بېلگىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇلار 11-نويابىر كۈنى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلغان. يۇقىرىقى بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.
قۇربان مامۇت ۋە 12 ياشلىق ئوغلى ئورخان قۇربان ھەمدە سەپەردېشى دىلشات مەمەتلەر بىرلىكتە 21-ئۆكتەبىر تۈركىيەدىن گامبىيەگە كەلگەن بولۇپ، 27-ئۆكتەبىر گامبىيەدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقماقچى بولغاندا تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى.
رادىيومىز ئەينى چاغدا ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغان گامبىيە ساقچىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ ئۈچەيلەننىڭ قولىدىكى پاسپورتى خىتاي پاسپورتى بولسىمۇ، ئەمما چىرايى خىتايغا ئوخشىمىغانلىقتىن گۇمان قوزغاپ قويغانلىقى مەلۇم بولغان. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە قارشى ھەرقايسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلەشكەن ئىدى.