خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان

خىتاي دائىرىلىرى 20‏-ئاۋغۇست خوتەن شەھىرىنىڭ توسىللا يېزىسى ماجا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەخمەت خۇدابەردى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

توسىللا يېزىسىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئەخمەت خۇدابەردىنى تۇتۇش ھەرىكىتىدە «تۆھپە قوشقانلار، ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مۇكاپات» بېرىلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭغا «ياردەم قىلغان، كۆرمەسكە سالغان ياكى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى» ئاگاھلاندۇرۇلغان.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئەخمەت خۇدابەردى «قاچقۇن جىنايەتچى» دېيىلگەن، بىراق ئۇنىڭغا قانداق جىنايەت بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى، سوتنىڭ ھۆكۈمى يوق تۇرۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن «جىنايەتچى» دەپ ئاتالغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

لېكىن شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەخمەت خۇدابەردى 18-ئاۋغۇست توسىللا يېزىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قاچقان.

مەزكۇر ئورۇن ئۇچۇرىدا يەنە، خىتاينىڭ ئەخمەت خۇدابەردىنى تۇتۇشقا ئۇچقۇچسىز ئايروپىلان چىقارغانلىقى، تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 300 مىڭ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 100 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قولىغا كالتەك، توقماق، گۈرجەك قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ، تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئاممىنى كالتەك-توقماقلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، قاچقۇنلارنى تۇتۇشقا سېلىشى ئىلگىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.