1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەزكۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىدى.
جەمئىيەت باياناتىدا يەنە، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە ئىزدەش ئىرادىسىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە توختالغان جەمئىيەت رەئىسى ئالىم سېيىتوف مۇنداق دېدى: 1989-يىلى 4-ئىيۇن تىيەنئەنمېن مەيدانىدا بىگۇناھ ئاممىغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت. بۇ جىنايەتنى ئىشلىگەن خىتاي ئەمەلدارلار چوقۇم ھەققانىيەتكە يۈزلىنىشى كېرەك.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق تىيەنئەنمېن نامايىشچىلىرىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرغانلىقى ۋە قانۇنسىز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلغانلىقىغا ھەيران قالغىنى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ تىيەنئەنمېن نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا 26 يىل بولغان بولسىمۇ، خىتايدىكى باستۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ بارغىچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.