تيەنجىندىكى پارتلاشتا زىيانغا ئۇچرىغان ئاھالىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تيەنجىندىكى زور پارتلاشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان شەھەر ئاھالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنجىندىكى زور پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار پارتلاشتا مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، نەچچە مىڭ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى ھېسابلانغان شىنخۋا ئاگېنتلىقى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خەۋەر بېرىپ، تيەنجىندىكى پارتلاشتا 114 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 70 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ھازىرغىچە 6300 نەپەر ئاھالىنى پارتلاش يۈز بەرگەن رايون دائىرىسىدىن يىراقلاشتۇرغان. تيەنجىن شەھىرىدە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي، شەخسىي ماشىنا ھەمدە باشقا خۇسۇسىي مۈلۈكلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

چەتئەل مۇخبىرلىرى تۈنۈگۈندىن بۇيان يۈزلىگەن ئاھالىلەرنىڭ تيەنجىن دائىرىلىرىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنجىدىكى زور پارتلاشتىن كېيىن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.