12-ئاۋغۇست پارتلاش يۈز بەرگەن تيەنجىن پورتىدىكى ئىسكىلاتنىڭ خوجايىنى، ئىسكىلات بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمىسىمۇ، بىراق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رۇخسىتىنى ئارقا ئىشىك بىلەن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پارتلاش يۈز بەرگەن ئىسكىلات تيەنجىن رۇيخەي شىركىتىگە قاراشلىق بولۇپ، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوڭ شېشەن قاتارلىق ئاز دېگەندە 10 نەپەر مەسئۇلى قولغا ئېلىنغان. بۇ يىل 34 ياشلىق دوڭ شېشەن تيەنجىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ «مېنىڭ ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن مۇناسىۋىتىم بار. بىز ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تەكشۈرۈشىگە ئېھتىياجلىق بولساق، مەن تيەنجىن پورتى ئوت ئۆچۈرۈشتىكى دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشەتتىم. مەن رەسمىيەت قەغىزىنى شۇلارغا بەرسەم، شۇلار دەرھال بېجىرىپ بېرەتتى» دېگەن. لېكىن دوڭ شېشەن رەسمىيەت بېجىرگەندە پارا بېرىدىغان- بەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
«خەلق گېزىتى» بولسا رۈيخەي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك رۇخسەتنامىسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خەتەرلىك خىمىيەۋىي بۇيۇملار بىلەن ھەپىلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ھۆكۈمەت ھازىرغا قەدەر بۇنداق زور كۆلەملىك پارتلاشنى قانداق خىمىيەۋىي ماددا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىدى. ۋەقەدە 114 ئادەم ئۆلگەن، 670 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.