ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى خىتاينى 65 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئاپتونومىيىلىك قانۇننى ئىجرا قىلىشقا چاقىردى

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى 30-سېنتەبىر ئەتىگەن تەشكىلات رەئىسى ئالىم سېيىتوف نامىدا «ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خىتاينى دۆلەت قۇرۇلغان چاغدىكى روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خىتايدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشقا چاقىرىدۇ» سەرلەۋھەلىك بايانات ئېلان قىلدى.

ئالىم سېيىتوف باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 1949-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەركىنلىك، ھەققانىيەت، باراۋەرلىك» دېگەن دۆلەت قۇرۇش شوئارىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىپ«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، دۆلەت قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەركىنلىك، ھەققانىيەت، باراۋەرلىك شوئارىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان چېغىدا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە، تىلىغا، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، بۇ دۆلەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلمىغان»دېگەن. باياناتتا يەنە 23-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ۋە تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

30-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە بېرىلىدىغان پروگراممىمىزدا نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.