خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 31-مايدىن تارتىپ قانۇنلۇق توي قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان تۇغۇت نىسبىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ قارارنى ئالغانىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» قا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ تۇغۇت ۋە پەرزەنت ساھەسىدىكى مەسىلىلەر بارغانسېرى ئېغىرلاپ ماڭغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىلىرىنى ئادىل ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى نامايىش قىلغان بولسىمۇ ئەمما كۆپلىگەن ساھە يەنىلا بۇنى تەنقىد قىلماقتىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جوشۇا روزېنزۋېگ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ قانچە پەرزەنتلىك بولۇشنى بەلگىلەپ بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئاشۇ ئائىلىنىڭ شەخسىي ئىشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي پۇقرالارنىڭ ئۆز خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا جازا بېرىشتەك خاتا قىلمىشنى توختىتىشى لازىم» دېگەن.

بۇ خىل نوپۇس كونتروللۇقى مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ لاگېرلارغا قامىلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ كەلگەنىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان ئ‍ۇيغۇرلارغا ئېغىر جازا قوللانغان. ئەمدى ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورامدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.