خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى پۇقرالارغا سېتىلماقچى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننى بۇ يىلدىن باشلاپ پۇقرالارنىڭ سېتىۋېلىشىغا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«ئېلىكترونلۇق خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى «ھەسەن-ھۈسەن» شىركىتى ياساۋاتقان بۇ خىلدىكى ئايرۇپىلانلار دەسلەپ بولۇپ بازارغا سېلىنىدىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ باش ئىنژېنىرى شى ۋېن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ھەربىي قىسىملارغا قارىغاندا پۇقرالار بۇ خىلدىكى ئايرۇپىلانلارنى كۆپرەك سېتىۋالىدۇ، دەپ قارايمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم بازارغا سېلىنماقچى بولغان ئايرۇپلانلار «تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە زور رولى بار» دەپ قارىلىۋاتقان ھەمدە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلار ئاساسىدا لايىھەلەنگەن ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭدىكى قورالغا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەر سۆكۈپ ئېلىۋېتىلىدىغان بولۇپ، شەخسىي ئىشلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ياسالغان ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىلدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە كۆپلەپ ئىشلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2014-يىلى يۈز بەرگەن يەكەندىكى «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئايرۇپىلانلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، بۇ ئايرۇپىلانلارنى پۇلدار خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ سېتىۋېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.