ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك نىزاملار ئارقىلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈندىداردىكى «بىۋاسىتە ئاڭلىتىش قاتناش قىزىق لىنىيىسى» ناملىق خەۋەر سۇپىسى 5-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 22 كىشى قازا قىلدى، دەپ خەۋەر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تور باشقۇرۇش دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يالغان خەۋەر تارقاتتى» دەپ تاقىۋېتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ ئۈندىدار سۇپىسى ئىنتېرنېتنىڭ يەتتە تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ۋە دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان «پەيتلىك ئالاقە قورالى ئاممىۋى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» دىكى ماددىلارغا خىلاپلىق قىلغان ئىكەن.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «پەيتلىك ئالاقە قوراللىرى» نى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىدە «ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئالدى بىلەن باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ھېساب ئېچىش، رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلمىغان سىياسىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلماسلىق، كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىق، قانۇن-قائىدىگە رىئايە قىلىش، ئەكسىچە ئىش قىلغانلار قانۇن بويىچە جازالىنىش» دېگەنگە ئوخشاش ماددىلار يەر ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇن بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، كونترولنى كۈچەيتتى. دائىرىلەر بۇنىڭ «جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش» ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى قامال قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.