ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» نى ئېتىۋەتكەنلەر ياكى ئېتىۋەتمەكچى بولغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتىكەن
2016.08.01
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» نى ئېتىۋەتكەن ياكى ئېتىۋەتمەكچى بولغانلارنى سانى كۆرۈنەرلىك ئاشماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خەلق تورى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» نى ئىشلىتىۋاتقان 2000 كىشىنى زىيارەت قىلغانلىقى مەلۇم.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 35.8 پىرسەنت زىيارەت قىلىنغۇچى ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» ئېتىۋەتكەن ياكى ئېتىۋەتمەكچى بولغانلار ئىكەن.
خەۋەردە ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» نى ئېتىۋەتكەن ياكى ئېتىۋەتمەكچى بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېلان ئۇچۇرلىرىدىن بىزار بولغانلىقى ياكى ئۈندىدارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشكە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم سەزگۈر سىياسىي سەۋەبلەر پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، خەلق تورى ئېلان قىلغان مەزكۇر خەۋەردە ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» نى تاقىۋەتمەكچى بولغانلارغا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى داۋاملىق ئىشلىتىش ۋە ھازىرقى ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش تەكلىپى تەۋسىيە قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈندىدارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۈندىداردىكى «دوستلار چەمبىرىكى» گە ئەزا بولغانلار سانىنىڭ يېقىندىن بۇيان جىددىي رەۋىشتە پەسكويغا چۈشۈشى تور ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق سېنزورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.
رادىيومىز ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئۈندىداردا دىنىي مەزمۇندىكى ياكى سەزگۈر سىياسىي تېمىلاردىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدى.