يەكەن ناھىيە خاڭدى بازارلىق پونكىت باشلىقى قۇرباننىڭ ئۇيغۇر بوۋاينى ئۇرۇش ۋەقەسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


10-نويابىردىن باشلاپ ئۈندىدار، فېيسبۇك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىر سىن كۆرۈنۈشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنىشىدىكى بىر يېزا كادىرىنىڭ ياشىنىپ قالغان بىر ئۇيغۇر بوۋاينى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ-دۇمبالىشى بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى.

رادىيومىز بۇ سىن كۆرۈنىشىگە ئاساسەن ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن بىر قىسقا سۈرەتلىك خەۋەر ئىشلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقاتقاندىن كېيىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭ كۆرۈلۈش ئادەم قېتىم سانى 40 مىڭغا، باھا يازغان كىشىلەرنىڭ سانى مىڭغا يېقىنلاشقان.

خىتاي تور ساقچىلىرى ئۈندىداردا يازما ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۇر سىن كۆرۈنۇشىنى تارقاتماسلىق ھەققىدە كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مېڭىسى يۇيۇلغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت