ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم مۇلازىمەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كارانتىن تەدبىرلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتىكەن
2022.12.01
24- نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ قاتتىق يۇقۇم قامالى سەۋەبىدىن پاجىئەلىك ئۆلۈم ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئىدى.
بۇ ۋەقە، 4 ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق يۇقۇم قامالى ئۈرۈمچى ئاھالىسىنى ھەر جەھەتتىن قاتتىق چارچاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىدا زور نارازىلىق قوزغالغان. ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر، يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭ پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى، 29-نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايون تەۋەسىدە سىرتقا چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 1-دېكابىر كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە، ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم ئاشخانىلار ئېچىلىپ ئۆيلەرگە زاكاس قىلىنغان تاماقلار توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، كوچا ئاپتوبۇسى ۋە پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بىراق رايوندىكى يۇقۇملانغۇچىلار ياكى يۇقۇملانغانلىق ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئايرىپ كارانتىنغا ئېلىش ئىشلىرى يەنىلا داۋام قىلماقتىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە كىشىلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردىكى كارانتىن ئورۇنلىرىدا سوغۇقتىن ۋە ئاچلىقتىن قېينىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» 1-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت تارقاتقان ئۇچۇرىدا 30-نويابىر كۈنى كېچە سائەت 24:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە 968 يېڭى ئالامەتسىز يۇقۇمدار ۋە 21 نەپەر ئالامەتلىك يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى، 1053 نەپەر كىشىنىڭ كارانتىندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 85 نەپىرى ئۈرۈمچىدىكى ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.