د ئۇ ق خىتاينى «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.11.22

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى» نىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارىلاشنى، كامىلە ۋايىت قاتارلىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دائىرىلىرىنى ئوت ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا پۈتۈنلەي سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەن. باياناتتا تەكىتلىشىچە، «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا پۈتۈنلەي سەل قارىغانلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى ۋە ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ‹ئاق قەغەز ھەرىكىتى›دىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» ئىكەن.

2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى «چوڭ بازىرى» غا قوشنا مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەتتە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن يەرلىك ساقچىلار ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۇقۇم قامىلى سەۋەبلىك ئاپەت يۈز بەرگەن بىنانىڭ چىقىش ئىشىكىنىڭ قۇلۇپلاقلىق بولۇشى، ئاھالىلەرنىڭ بىناغا سولىنىپ قېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ پاجىئەلىك ۋەقە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى «ئاق قەغەز» ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىقنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىۋى نارازىلىقنىڭ بېسىمىدا يۇقۇم قامىلىنى بىكار قىلغان. ئەمما شۇ جەرياندا بىر نارازىلىق ۋىدىيوسىنى ئۈندىداردا تارقاتقان ئىچكىرى ئۆلكىدىكى 19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋايىتنى تۇتقۇن قىلغان ھەم «رادىكاللىقنى تەرغىب قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كامىلە ۋايىت ۋە نارازىلىق ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب بولغان باشقا بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا پۈتۈنلەي سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى، ‹ئاق قەغەز نامايىشى›غا قاتناشقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. د ئۇ ق يەنە خەلقئارا ئورگانلارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، خىتاي دائىرىلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىدۇ.» خىتاي ھۆكۈمىتى «24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى» گە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئوت ئاپىتىگە دائىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.