ئۈرۈمچىدە ئالتە چەتئەللىككە «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» بېرىلدى
2018.10.30
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چەتئەللىك ئالتە نەپەر مۇتەخەسسىسكە «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» نى بېرىش مۇراسىمى 29-ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئالتە مۇتەخەسسىس ئۆزبېكىستان، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇلارغا «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» تارقىتىپ بەرگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ «شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشقان» لىقى بولسا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئۆتكەن يېرىم يىل ئىچىدىلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆپچىلىك كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇلار قاتارىدا «تەڭرىتاغ ئالىمى» نامىغا ئېرىشكەن دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق دۇنياغا ‹بىز ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەۋاتىمىز› دەپ ساختا ئۇچۇر يوللاش ئويۇنى. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى باستۇرۇشنى ئاقلىماقچى» دېدى.
بۇ مۇكاپاتلارنىڭ تارقىتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تېيىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئاتاقلىق پروفېسسورلىرى ۋە ئالىملىرى قاماق جازالىرىغا ھەم لاگېرلارغا مەھكۇم قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى.
ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» 1999-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىكەن. ئۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان» چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىگە بېرىلىدىكەن. ھازىرغىچە 98 كىشى مۇشۇ مۇكاپاتنى ئالغان ئىكەن.