دائىرىلەر ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى باغچىلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى


خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئاممىۋى باغچىلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 5 - مايدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «ئۈرۈمچىدىكى بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ پائالىيەت ئورۇنلىرى بولغان خەلق باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى، تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، جەنۇبىي باغچا، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، قىزىلتاغ باغچىسى، تەڭرىتاغ باغچىسى قاتارلىق 7 باغچىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، بۇ باغچىلارغا 5 - ئايغىچە جەمى 731 دانە سىنئالغۇلۇق كۆزىتىش ئاپاراتى، 56 دانە بىخەتەرلىك ئىشىكى، 4 دانە رېنتىگىن نۇرلۇق ئاپارات، 168 دانە شەخسلەرنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىلغان ۋە باغچا ئەتراپىغا 2.6 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئۆتكۈر تىغلىق سىم تور 31 مىڭ 539 مېتىر دائىرىدە تارتىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ ئاممىۋى باغچىلاردىكى ساقچى ئەترەتلىرىگە كوچا ئايلىنىپ چارلايدىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى، كىملىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، يول توسۇش ئاپتوموبىللىرى، يىراقتىن قوغلاپ تۇتۇش ئەسۋاپلىرى، ئۆتكۈر تىغدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرى، ساقچى كالتىكى، قالقان قاتارلىقلارنىڭ سەپلەپ بېرىلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

بۇلتۇر خىتايدا «1 - مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى»، «30 - ئاپرىل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق پارتلىتىش ھۇجۇمى»، «23 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى «تېرورلۇق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغان ھۇجۇمچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھۇجۇملىرى» دەپ تەرىپلىمەكتە.