خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتتە كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي جەڭ مەشىقىگە كىرىشكەنلىكى مەلۇم.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە قىلغان سۆزىگە بىنائەن ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە جىددىي ئاتلانغان.

ئۇنىڭدا «شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىدا ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قىزىپ كەتتى،» دېيىلگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە «بىز چوقۇم ھەربىي مەشىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىمىز، ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك،» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملار ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىنى قىزغىن قوللاپ، «بىز بارلىق ئوي-پىكىرلىرىمىزنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، ئۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تەييارلىنىپ، جەڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك،» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قاتتىق كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھەربىي قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ جىددىي تۈردە ئەمەلىي جەڭ مەشىقىگە كىرىشىشى دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت