كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى تازىلاش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇندى
2025.01.10
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون ( Tom Cotton) خىتاينىڭ ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىدىغان قانۇنسىز مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى تازىلاش ھەققىدە بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. ئامېرىكا «مىللىي تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تام كاتوننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئاتقۇرۇشقا باشلىشى بىلەنلا باشلىغان تۇنجى ھەرىكىتى ھېسابلانماقتا ئىكەن. تام كاتوننىڭ 9-يانۋار كۈنى كېڭەش پالاتاسىدا سۇنغان «قانۇنسىز خىتاي ساقچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قانۇن لايىھەسى» خىتاينىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاكىمىيەت خادىملىرىنى تازىلاشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«مىللىي تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ قەيت قىلىشىچە، قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى تورى ۋە كومپارتىيە «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەسىر يارىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلماقتىكەن.
خەۋەردە، ئەگەر بۇ تەكلىپ لايىھەسى قانۇنلاشسا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ساقچى پونكىتلىرى ۋە باشقا قانۇنسىز تەشكىلاتلىرىنى ماڭدۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كومپارتىيە شايكىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى بىكار قىلىنىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكادا قانۇنسىز ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇشقا ئارىلاشقان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، بۇ ئورگانلارنىڭ خادىملىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى قويۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي كومپارتىيەسى «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ نىشان قىلماقتا ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش، چەت ئەللەردىكى شايكىلىرى ئارقىلىق، ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش، تەيۋەننى قوشۇۋېلىش، خىتايغا قانۇنسىز تېخنولوگىيە يۆتكەش ھەم بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2023-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە خىتاينىڭ بۇ خىل مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىككى كىشىنى قولغا ئالغان. «قوغدىغۇچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى 53 دۆلەتتە، ئاز دېگەندە 102 ساقچى پونكىتى بار ئىكەن.