خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق ئىمبارگو ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.21
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق ئىمبارگو ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نەدىن مىئانزا، مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە كومىسسارلىرىدىن ئانۇرىما بارگاۋا، جەيمىس كار قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئ‍ۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق ئىمبارگو ئېلان قىلغان
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى 21-دېكابىر ئامېرىكانىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل 4 نەپەر ئەمەلدارىغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسىغا قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق جازا تەدبىرى ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، خىتاي «مەركىزىي شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى خۇ لىيەنخېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 خىتاي ئەمالدارىغا ئىمبارگو قويغان ئىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى «ئۇلارنىڭ ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق بېيجىڭ دائىرىلىرى 21-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىككى نەپەر كومىسسارىغا ئىمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نەدىن مىئانزا، مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ۋە كومىسسارلىرىدىن ئانۇرىما بارگاۋا، جەيمىس كار قاتارلىقلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ، ماكاۋغا كىرىشى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ھەم شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشى مەنئىي قىىنىدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پارتىيەلەر ھالقىغان مۇستەقىل دىنىي ئەركىنلىكنى كۆزىتىش ئورگانى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە مەسھلىھەت بېرىش، ئۇنىڭ سىياسەت تۈزۈشىگە ياردەم بېرىش ئورگانىدۇر.  كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى مەمۇرىي فۇنكىتسىيەسى بولمىغان بۇ ئورگاننى نىشانغا ئېلىشى، ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىغان بىر سىمۋۇللۇق ئۆچ ئېلىش ئۇرۇنۇشى ئىكەن . بۇ خىتاينىڭ خەلقئ‍ارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنى تۇنجى قېتىم نىشانغا ئېلىشى ئەمەس. خىتاي بۇ يىل 5-ئايدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ سابىق كومىسسارى جونىي مورغا ئىمبارگو قويغان. بۇ كومىتېت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلارنى چىقىرىشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى قوللاپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.