خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرمەكچى

30-ئىيۇل كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن مەخسۇس ئۆمەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەككە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ئىلى جىڭتيەن يېتەكچىلىك قىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ ئۆمەكنىڭ 30-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىنقى 30 يىللىق تەرەققىياتىدا ئاپتونومىيىلىك قانۇنلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى ئۈچۈن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىم مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ ئەۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى ئانالىزچىلار بولسا، رايوندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى» نامىدىكى بۇ ئۆمەكنى ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.