ئامېرىكانىڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلىرىدىن بولغان «ئاتلانتىك» ژورنىلىدا «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن شىنجاڭدىن كەتكەنلىك خىتاينىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىق بولمىدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە زور كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇساپىرچىلىقنىڭ پۈتكۈل مۇشەققەتلىرى بىلەن يالغۇز كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان.
ماقالىدا خىتاينىڭ يوليورۇقى بىلەن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش باشلانغاندا ئەرلىرى تۇتۇلۇپ كېتىپ، بالىلىرى بىلەن يالغۇز تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن، ئېرى چەت ئەلگە چىقالماي خىتاينىڭ لاگېرىغا قامالغان ياكى بولمىسا ۋىزا چەكلىمىسى سەۋەبلىك چەت ئەللەردە ئايرىم-ئايرىم دۆلەتلەردە ياشاپ بىرلىشەلمەيۋاتقان، قىسىقىسى ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن ئوخشاش قىسمەتلەرگە يولۇققان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇساپىرلىقتىكى مۇجادىلىسى بايان قىلىنغان. ئاپتور ماقالىسىدا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇش كۈرىشى، قېيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرۇپ ياشاشتەك قەيسەر روھىنى تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن.
ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل دېرىكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن زىيارەت قىلىنغان. زۇمرەتئاي چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى، چۈنكى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى لاگېرلارغا مەركەزلىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ يانداش تەسىرلىرىگە يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشەلمەي قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى ‹كۆپ تەرەپلىمىلىك كرىزىس› دەپ چۈشىنىش كېرەك، بۇ كىرىزىسنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىندى،» دېگەن.