ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.12.20

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاز ساندا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەنىدى. ئەمما خىتاي مىقياسىدىكى قامالنى بوشىتىش بىلەن تەڭلا ئوتتۇرىغا چىققان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى سانلىق مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى شىنجاڭ» دېگەن قاراش مۇئەييەن دەرىجىدە بازار تاپقانلىقى مەلۇم. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆز قىلىپ «بىز ئۆيدىن چىقالمىساق ۋىرۇس قانداقلارچە شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە تارقىلىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قامالنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى.

ھالبۇكى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاش ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى ئۆتەشتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئاشكارا ھالدا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ھازىر بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامىۋېتىلگەن ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتى قانداق بولىدىغانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.