خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا زەربە بېرىش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن
2024.03.22
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىپ جازالىنىش ۋەقەلىرىگە ئائىت تىپىك دېلولارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، جازالانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «ئۆسەك ئۇچۇر تارقىتىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش» بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالتاي، چۆچەك، ئاقسۇ، بورتالا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ج خ تارماقلىرى 19-مارت كۈنى ئاتالمىش توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىپ جازالانغان 10 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە، بۇ 10 تىپىك دېلوغا چېتىشلىق 15 كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ئۇلاردىن 6 كىشىنىڭ چۆچەك شەھىرىدە، بىرسىنىڭ تولى ناھىيەسىدە، ئىككىسىنىڭ ئالتايدا، قالغانلىرىنىڭ بورتالا، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەر توردا ئوت ئاپىتى، ئاپتوموبىل ۋەقەسى، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتى، يەر تەۋرەش ۋە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك «ئۆسەك ئۇچۇر» ۋە «ناتوغرا خەۋەرلەر» نى تارقىتىپ، «يامان ئىجتىمائىي تەسىر» پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. خەۋەرلەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى، مىللىتى، سالاھىيىتى ۋە كونكرېت قانداق جازالانغانلىقى قەيت قىلىنمىغان بولسىمۇ، خەۋەرلەردىكى بېشارەتلەردىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر، بىر قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى قىياس قىلىنماقتا. «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۇچۇرىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىگە «تەنقىد-تەربىيە» جازاسى بېرىلگەنلىكى، بەزىلىرىگە مەمۇرى جازا ياكى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2024-يىلى كىرىشى بىلەن خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرى بۇ ھەرىكەتكە تېخىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقانىدى.