ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.20

19-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيا شتاتىدىكى ئوكتون تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار ياساپ چىققان ماشىنا ئادەم مودېلى ۋىرجىنىيا ۋە مارىيلاند شتاتىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشتى.

مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى ياساپ چىققان «رىككىي بوببي» ئىسىملىك ماشىنا ئادەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنژېنېرلىق بىلىمى، ھەمكارلىق روھى ھەمدە ئىجادچانلىقىنىڭ ئورتاق مەھسۇلى. مەزكۇر گۇرۇپپىدا قەيسەر بەختىيار ۋە جەسۇر جۈرئەت ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

مەزكۇر مۇسابىقىنى «FIRST» ناملىق خەلقئارا ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم پەن قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ھەمدە ئۇلارنى ئىنژېنېرلىق ساھەسىگە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ئوكتون تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە سائىنت لۇيىز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.