ئامېرىكا ئىستىخبارات باش نازارىتى ئىشخانىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
2024.11.13
ئامېرىكا ئىستىخبارات باش نازارىتى ئىشخانىسى (ODNI) يېقىندا «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا ئىستىخبارات باش نازارىتى ئىشخانىسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيىتىگە قىلغان ئېغىر ھۇجۇمى ۋە زوراۋانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە-قاماقخانىلار، لاگېرلاردىكى پائالىيەتلەر، بۇنىڭغا تەمىنلەنگەن ئىقتىساد، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە شىركەت ئورۇنلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى قىسمىدا، خىتاينىڭ 2014-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىكى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» باھانىسىدە «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى، بۇنىڭغا ئەسلىدە خىتاينىڭ 1950-يىللاردىلا باشلىغان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساس بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان بۇ ھەرىكەت كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، مېڭىسىنى يۇيۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، جىنسىي خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ ۋەيران قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك تەقىب-نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئۇلار يۈز تونۇش تېخنىكىسى، بىئومېترىك تېخنىكىسى ۋە GPS تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان».
دوكلاتنىڭ «يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش مەركەزلىرى» قىسمىدا، خىتاينىڭ 2014-يىل باشلىغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ 2017-يىلىغا كەلگەندە بىراقلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، خالىغانچە تۇتۇلغان، سوتلانمايلا كېسىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپەيگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ ئىچكىرى خىتايدىكى زاۋۇتلارغا ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2019-يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى قانۇنسىز قاماش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مەھكۇملىرى رەسمىي قاماقخانىلارغا، يەنى تۈرمىلەرگە سولاندى. ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەلكىم تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. 2019-يىل ئاشكارىلانغان سۈرەتلەرنى كۆزەتكەندە، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئازىيىپ، تۈرمىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى مەلۇم بولدى».
ئامېرىكا ئىستىخبارات باش نازارىتى ئىشخانىسى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىچكى ۋەزىيەتنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى تەمىنلەيدىغان ئورۇن بولۇپ، ھەر يىل ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ئائىت دوكلات ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن.