بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 80 مىڭدەك ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلاشقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-17
Share

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8-ئايغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 80 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن دائىرىلەر بۇنىڭ قانچە پىرسەنتىنىڭ يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ بىر قانچە مىڭى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى ۋە بۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش پىلانىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 80 مىڭدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاز كەم 67 مىڭى رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر، 12269 نەپىرى رايون سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغانلار ئىكەن. خەۋەردە 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن رايون تەۋەلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 65% تىن ئاشقانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما قالغان 34 % دەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ قايسى مىللەتنى ئاساس قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەمۇرىي ۋە تېخنىكىلىق ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى بۇ ئورۇنلاردىن سىقىپ چىقىرىپ، بۇ ئورۇنلارغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىپ، بۇ جەھەتتە زور ھاڭ پەيدا قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت