خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەن-تېخنىكا خاراكتېرلىك كارخانىلارغا مالىيە ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-12
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى پۇل-مۇئامىلە مېخانىزىمى قۇرۇپ، نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا خاراكتېرلىق كارخانىلارغا مالىيە ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنىڭ خەلقئارادىكى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش چۇقانلىرىنىڭ رايوندىكى پەن-تېخنىكا خاراكتېرلىك كارخانىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس. رايوندىكى نۇرغۇن كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

«شىنجاڭ گېزىت» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا «نۇقتىلىق پەن-تېخنىكا خاراكتېرلىك كارخانىلارنىڭ ئاق تىزىملىكى» تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، تىزىملىككە كىرگەن پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا قارىتا قەرزنى قايتا يېڭىلاش، قايتا ھېساپلاش سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىدىكەن. دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا يېڭىلاپ، يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خەلقئارا ئىمبارگوغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغان شىركەتلەرنى قۇتقۇزۇشقا قارىتىلغان، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا بۇ يىل يازدا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىدىغان خوشىن شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي خەلق بانكىسى يېقىندا رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت ۋە ئىدارىلەر بىلەن بىرلىشىپ، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا «ئاق تىزىملىك» كە كىرگەن كارخانىلارغا ​​قەرز ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىشتە پەرقلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت