ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى BMW، جاگۇار لەندىروۋر ( Jaguar Land rover)، ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) قاتارلىق ئاپتوموبىللاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ دوكلاتتا، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بولۇپ چەكلەنگەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن ماشىنا زاپچاسلىرى ئېلىپ ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلى ئۇلارنى جازالاش تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بولغان شىركەتلەردىن پايچىكى ئالغان شەخس ۋە ئورۇنلارنىمۇ ئەنسىرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋايدېن ئامېرىكادا چەكلەنگەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن ماشىنا زاپچاسلىرى ئىمپورت قىلغان شىركەتلەرگە قارىتا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «مەن تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىدىن بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىش بېرىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى نومۇسسىزلارچە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان شىركەتلەرگە بېسىم قىلىشقا چاقىرىمەن» .
«ئىقتىساد گېزىتى» (The Financial Times) نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىكى سىياسىيونلارنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بۇ دەپسەندىچىلىككە شېرىك بولغان شىركەتلەرنى جازالاش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق بولغان شىركەتلەردىن پايچىكى ئالغان شەخس ۋە ئورۇنلارنىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنگەنىدى.