«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا مۇناسىۋەتلىك تور مۇھاكىمە يىغىنلىرى داۋاملاشماقتا
2024.11.12
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئورگانلىرى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن تور مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، بىرىنچى يىغىن 11-ئاينىڭ 5-ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ يىغىندا تاشقى سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرى ھەققىدىكى دوكلات ئاساسىي تېما قىلىنغان. 12-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا بولسا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە بۇ قانۇن بويىچە تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر ئاساسىي تېما قىلىندى.
بۇ بىر يۈرۈش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكىلەرگە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى توسۇش تىرىشچانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى سىياسەت ئىشخانىسى، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP)، ئەمگەك مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى قاتنىشىدىكەن.
12-نويابىر، «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بايلىقى» تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2024-يىل 7-ئايدا ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) قارمىقىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى ئىستراتېگىيەسى» نى يېڭىلىغان بولۇپ، خىتايدىن كىرىۋاتقان ئاليۇمىن، خىلورىد، پولىنىل سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىگىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسى قويغان. بۇنىڭ بىلەن، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن.