2 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا يۇقىرى باھا بېرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.06.25

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيە، سىياسەت ۋە پىلان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، بۇ قانۇننىڭ دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەشتە يېتەكچى رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«قارۇن» (Kharon) ناملىق ئىقتىساد ئانالىزى تور بېتى ئېلان قىلغان سۆھبەتتە، روبېرت سىلۋېرس مۇنداق دېگەن: «يېقىندا بىز 5 تۈرلۈك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق. تاموژنا خادىملىرى مەيلى قابىلىيەت ياكى كۆلەم جەھەتتە بولسۇن، ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىدى. تۇتۇپ قالغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئىككى يىلدىن بېرى تۇتۇپ قېلىنغان ماللار ھەر ساھە ھەر كەسىپكە تۇتىشىدۇ».

روبېرت سىلۋېرنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتۇپ قېلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەن كىرىستاللىق كىرېمنىيدىن تارتىپ، پولىۋىنىل خىلورىد (PVC)، ئاليۇمىن قاتارلىق بىئو-خىمىيەلىك ماتېرىياللار ئىكەن. ئامېرىكا تاموژنىسى بۇ ماللارنى كىرگۈزمىگەن ئەھۋالدىمۇ، ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئاقساش ياكى ئىقتىسادتا چېكىنىش كۆرۈلمىگەن.

روبېرت سىلۋېر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «بۇ قانۇن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلىنغان يېڭىچە قانۇنلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولدى. بىزنىڭ ئىشىمىز مەجبۇرىي ئەمگەكنى توسۇش. بىز بۇ ئىشتا ناھايىتى مۇھىم باشلامچى بولۇپ بەردۇق» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىل دېكابىردا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ماقۇللاپ، 2022-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. بۇ قانۇننىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بەرگەنلىكى ھەمدە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.