خىرىستىيان ئېپىسكوپلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.10

ئەنگىلىيەدىكى خىرىستىيان ئېپىسكوپى ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن قاتتىق تەنقىد قىلغان.

«چېركاۋ ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق «خىتاي: كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك» تېمىسىدىكى يىغىنىدا، ۋېنچىستېر ئېپىسكوپى، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەكىلى فىلىپ مونستېفېن، خىتاينى چۈشىنىش ئۈچۈن «ئۇنىڭغا غەربنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىماسلىق» نى ئوتۇرىغا قويغان. ئېپېسكوپ فىلىپ مونستېفېن، خىتايغا ئۇنىڭ ئۆزىنى قانداق تەرىپلىشى بويىچە قاراشنى، خىتاي ئۆزىگە قانداق قارىسا، ئۇنىڭغا شۇنداق نۇقتىدىن قاراش كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى مۇزاكىرە قىلىنغان بۇ قېتىملىق يىغىندا، كىشىلىك ھوقۇق، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئېپىسكوپ فىلىپ مونستېفېننىڭ يىغىندا قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنيانىڭ مەركىزى، مەدەنىيەتنىڭ چوققىسى، دەپ قارايدىغان قەدىمكى كىلاسسىك چۈشەنچىسى، شى جىنپىڭ دەۋرىدە قايتا باش كۆتۈرگەن بولۇپ، «بۇ تىبەت، شىنجاڭ، خوڭكوڭ، جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان ئىغۋاگەرچىلىك، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، شۇنداقلا يامان غەرەزلىك تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىسىنى تاپماقتا» ئىكەن.

فىلىپ مونستېفېن، غەربنىڭ دىندىن خالىي سېكۇلارىمغا تايىنىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى خىتايغا ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز پەقەت 1948-يىلى تۈزۈلگەن ‹دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى›غا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، 3 مىڭ يىللىق بىر ئۇقۇمغا تاقابىل تۇرالمايمىز… بىز چوقۇم بۇ خىل ئۇقۇمغا دىنىي نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن ئالاھىدە دىنىي ئەركىنلىك ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى دەيۋىد سىمىتنى قارشى ئالىدىغانلىقى، دەيۋىد سىمىت ئۈچۈن پەقەت «خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنىڭلا ئاقىدىغانلىقى» ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئەنگىلىيەنىڭ گىلدفورد ئېپىسكوپى ئاندرېۋ ۋاتسون، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشى، ئۇنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگىلىيە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان بىر جايدىن «قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئەنگلىيەگە تۆكمە قىلىنىشىنى توسۇشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.